- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لاۋروف: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى خەلقئارا مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ
2014.10.27 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى لاۋروف رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى تور بېكىتىدە 25-ئۆكتەبىر سۆھبەت بايان قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا يېڭى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلگە كىردى، يەر شارى كۈچ تەڭپۇڭلىقى قايتىدىن تەشكىللىنىۋاتىدۇ، كۆپ مەركەزلىك يېڭى دۇنيا تەرتىپى سىستېمىسى شەكىللەنمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دۇنيا شەكىللىنىش داۋامىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، كۆپ خىللىشىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، خەلقئارا قانۇنغا بۇيسۇنۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ، ھەرگىزمۇ قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر