- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى چاۋشيەنگە قاراپ يولغا چىقتى
2014.10.27 15:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر چاۋشىيەنگە قاراپ يولغا چىققان، ئۇلار يۇقاپ كەتكەن ياپونىيەلىكنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە چاۋشيەن ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە ۋەكىللەر ئۆمىكى چاۋشيەننىڭ يۇقاپ كەتكەن ياپونىيەلىكلەرنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە كومىتېتى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ، چاۋشيەن يولغا قويغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى جەزىملەشتۈرىدۇ ھەمدە چاۋشيەندىن تېزدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاشيەنگە ئەۋەتكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر