باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون بېلگىيە موزىيىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن ھەيران قالدى

2014.05.26 18:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 25-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدىكى يەھۇدىي موزىيىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق شەكىلدىكى ئىرىقچىلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: گەرچە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ھۇجۇم قىلغان يەردىن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش مۇددىئاسى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بان كىمون بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ قاتىلنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھەر مەركىزىدىكى بىر يەھۇدىيلارغا موزىيىغا يېقىن جايدا 24-ماي ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك ئىككىيلەن ۋە فىرانسىيەلىك بىرەيلەن نەق مەيداندا قازا قىلدى، بىر بېلگىيەلىك ياشنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر