- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: دۆلەت تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ كۈنىلىكىنى 200.69 يۈەنگە ئۆستۈردى
2014.05.29 09:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 27-چېسلا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2014-يىلى دۆلەت تۆلىمىدە بېكىتىلگەن پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق تۆلەم ئۆلچىمى كونكرېت سوممىسىنىڭ كۈنلىكىنى 200.69 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-چېسلا 2013-يىلى شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي تىجارەت ئورۇنلىرىدىن باشقا ئىدارىلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سوممىسىنىڭ (پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى) 52379 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4786 يۈەن ئاشقانلىقىنى؛ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاش سوممىسىنىڭ 200.69 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 18.34 يۈەن ئۆسكەنلىكىنى جاكارلىىدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارسىى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر