باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتى بۈگۈن ئېلان قىلىندى، سۇ ئاستىنى ئىزدەش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ

2014.05.27 20:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھېسامىدىن 26-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 27-چېسلا ئالاقىدار تەرەپلەر خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى تەمىنلىگەن مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىدۇ.

  ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنى مالايسىيا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ.

  مالايسىيا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراھ تەشكىلاتى 20-چېسلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئالاقە خاتىرىسى قاتارلىق پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ ھەم ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە جامائەتچىلىككە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرىدۇ.

  CNN (ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋستىرالىيە قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سۇ ئاستىدىن ئىزدەش خىزمىتى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى توختىتىلىپ، كېلەر ھەپتە خېرىدار چاقىرىلىدۇ، ھەم دائىرىلەر ھازىرىي سانلىق مەلۇمات يوللاش ئىقتىدارى ۋە ئۈنلۈك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەسۋابلارنى كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر