- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئې يىتەي، گۈەن پېيجۈنلار دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزالىقىغا تەيىنلەندى
2014.05.27 20:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا ج ك پ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يولداش ئې يىتەي بىلەن يولداش گۈەن پېيجۈننى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزالىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، مەركەز يولداش ئې يىتەي بىلەن يولداش گۈەن پېيجۈننىڭ مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەستىقلىغان.
ئې يىتەي، ئەر، موڭغۇل، 1956-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، كومپارتىيە ئەزاسى، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى.
گۈەن پېيجۈن، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، سەنشى شىنجوۋلۇق. سەنشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغان، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ يۈرۈپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر