باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۈنۈگۈن بىر زوراۋان-تېررورچى گۇرۇھنى قولغا چۈشۈردى، 1.8 توننا پارتلىتىش قۇرۇلمىسى خام ماتېرىيالىنى قولغا چۈشۈردى

2014.05.27 20:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي ئېلىپ بېرىلغان «سائەت نۆلدە» ھەرىكىتىدىن كېيىن، شىنجاڭ ساقچى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزلاپ تەكشۈردى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئابلىز داۋۇت باشچىلىقىدىكى زور زوراۋانلىق-تېررورلۇق گۇرۇھىنى بىتچىت قىلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لوپ ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى ۋە خوتەن شەھىرىدە مەزكۇر گۇرۇھنىڭ بەش نەپەر ئەزاسىنى قولغا چۈشۈردى، پارتلاتقۇچ ياساش ئۇۋىسىدىن ئىككىنى بىتچىت قىلىپ، مەزكۇر جىنايەت گۇرۇھى پارتلاتقۇچ قۇرۇلما ياساشقا تەييارلىغان 1.8 توننا خام ماتېرىيال ۋە زور مىقداردىكى يېرىم تەييار پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىنى قولغا چۈشۈردى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، زوراۋانلىق-تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئابلىز داۋۇت (گۇمىلىق) روزىمۇھەممەت ئوبۇلھەسەن، ئابباس سىراجىدىن، مىجىت مەمتىمىن، ئابدۇلھىمىت مەھمۇت قاتارلىقلارنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرۈش ۋە تەشۋىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان، گۇرۇھ ئەزالىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ۋە ئۈرۈمچىدىن پارتلاتقۇچ خام ماتېرىيالى يىغىش ۋە سېتىۋېلىشقا تەشكىللىگەن، پارتلاتقۇچ قۇرۇلما ياساپ، خوتەن قاتارلىق جايلارغا يوشۇرغان ۋە پۇرسەت تېپىپ زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى مەخپىي پىلانلىغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر