- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى
2014.05.27 02:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25-ماي ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاندا ئوباما ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كارزايى بۇنى رەت قىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئوباما ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندا ئايروپىلاندا كارزايى بىلەن تېلېفونلىشىپ، كارزايىنىڭ ۋارىسى بىلەن ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاشنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلدىن كېيىن ئافغانىستاندا تۇرغۇزىدىغان ئەسكەر سانى ھەققىدە قارار چىقىرىش ھەمدە مۇشۇ ھەقتە كارزايى بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 26-ماي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى خاتىرلەش كۈنى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر