- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب شىئەنگە يېتىپ كېلىپ دۆلىتىمىزدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2014.05.29 08:12 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب 27-ماي چۈشتىن كېيىن شىئەنگە يېتىپ كېلىپ ، دۆلىتىمىزدىكى زىيارىتىنى باشلىدى .
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لوۋ لېجيەن شىئەندە مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب بىلەن كۆرۈشتى ۋە ناجىبنىڭ جۇڭگو-مالايشىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ھارپىسىدا شەنشىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ : جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مۇھىم ئۆلكە بولغان شەنشى ئۆلكىسى بىلەن مالايشىيا دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى بار ، بىز مالايشىيا بىلەن سودا ، پەن-تېخنىكا ، ساياھەت ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز ، دېدى .
ناجىب مۇنداق دېدى : بىز جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز ، بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا بولغان زىيارىتىم دادامنىڭ 40 يىل مۇقەددەم باسقان ئىزلىرىنى قايتا بېسىش سەپىرى . مەن ئىشىنىمەنكى ، بۇ قېتىملىق زىيارەت مالايشىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ .
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 27-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : 买力克.买买提
ئالاقىدار خەۋەرلەر