باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا رەھبەرلەر كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خەلق رايىنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2014.05.27 02:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خەلق رايىنى ئىگىلەپ، زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدىكى دېھقان ما دېمىڭ ئۆيلۈك يېرىنى كۆچۈرۈش تولۇقلىمىسىغا نارازى بولغانلىقتىن، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ 12 يىل ئەرز قىلغان ئىدى. بۇلتۇر ناھىيە رەھبەرلىرى «دېلولارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش» تۈزۈمى ئورناتتى، ئەرزىيەت ئىدارىسى بىرىنچى تۈركۈمدە ئۇزاق يىللاردىن يىغىلىپ قالغان 78 دېلونى رەتلەپ چىقتى، ناھىيە رەھبەرلىرى بۆلۈنۈپ دېلو بېجىرىپ ھەل قىلدى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى جاڭ جىشېڭ ما دېمىڭنىڭ دېلوسىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولغان ئىدى. ما دېمىڭ مۇنداق دېدى: جاڭ شۇجى راستلا خەلققە ئىش قىلىپ بېرىدىكەن، ماڭا بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ھەل قىلىپ بەردى، مېنىڭ ئىشىممۇ ھەل بولغان بولدى. بۇ يىل غۇلجا ناھىيەسى يەنە ئىككىنچى تۈركۈمدە 95 دېلونى رەتلەپ چىقىپ، ناھىيە رەھبەرلىرى ئۆزى بېجىرىشنى يولغا قويدى. ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دېڭ شيەنلىڭ مۇنداق دېدى: ھەممىسى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا بۆلۈپ بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇددەت بەلگىلەپ بېجىرىلىپ، مەركەزلىك ھەل قىلىندى. ئەرزىيەت ئىدارىسى ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغاندىن باشقا، غۇلجا ناھىيەسى رەھبەرلىرى يانفون نومۇرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارلارنى ئاچتى، پۇقرالار ھەرقاچان، ھەر جايدا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولدى. ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭمۇ مىكرو بىلوگ ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر