- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە ئۇكرائىنا دائىرلىرىدىن ئۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
2014.05.29 09:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 27-چېسلا ئۇكرائىنا دائىرلىرى دەرھال شەرقىي رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك، دېدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 27-چېسلا پۇتىن ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە بىر نەپەر ئىتالىيە مۇخبىرى بىلەن رۇسىيە تەرجىمانىنىڭ 25-چېسلا ئۇكرائىنادا قازا قىلغانلىقىغا ئۆزئارا تەزىيە بىلدۈرگەن. پۇتىن مۇنۇرلارنى تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا دائىرلىرى شەرقىي رايوندىكى ئۆچ ئېلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشى، شۇ يەرنىڭ ۋەكىلى بىلەن تىنچلىق توغرىسىدا سۆزلىشىشى كېرەك.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارسىى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر