باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا تاشيولىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى

2014.05.27 02:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن – يەتمىگەنلىكنى ئۆلچەشتە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كونا ئازاد رايون پۇقرالىرى، گەنسۇنىڭ يېزىلىرىدىكى نامرات دېھقانلار، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدىكى لىزۇ مىللىتىنىڭ گۈلچىلىرى... ئارىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ھەممىلا جايدا ئېتىز بېشىغىچە بېرىپ، يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھال – ئەھۋالىنى سورىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى پايانسىز زېمىننى ياشارتىدىغان شىپالىق يامغۇردەك كەڭرى كەتكەن يېزىلارنى ياشارتتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمە، يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ ياخشى قاتناش – تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىپ، يۇرتداشلارنىڭ «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى» نىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئائىت بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى، بۇ تەدبىرلەر يېزىلارنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر بىر يول، ھەر بىر كۆۋرۈككە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» غا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 4 – مارت يېزا تاشيوللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتقا تەستىق سالغاندا، نامرات رايونلاردىكى بىرەر سىيرىلما ئارقان كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىش، بىرەر يولنى ياساش دېھقانلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەنلىك بولىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

  تاشيول باش شۇجى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى.

  دۇلۇڭ مىللىتى مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا ياشايدۇ. بۇ يەر جىلغىنىڭ چوڭقۇر يېرى بولۇپ، دۇلۇڭجياڭ تاشيولىلا ئۇلارنى سىرتقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. قار يېغىپ يول يېرىم يىل ئېتىلىپ قالغاندا، بۇ يەر دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان بۇ يېزا يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات، ئارقىدا قالغان رايون ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر