باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كولومبىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى

2014.05.26 18:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كولومبىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش تۈنۈگۈن رەسمىي باشلاندى. جەمئىي بەش نامزات كولومبىيە زۇڭتۇڭلۇقىنى تالىشىدۇ.

  گەرچە كولۇمبىيەدىكى ئىككى چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار سايلام مەزگىلىدە ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن كولومبىيە ساقچىلىرى 430مىڭ ساقچى ئاجرىتىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەرتىپنى قوغدىدى.

  ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامدىكى رىقابەت دېموكراتىك مەركەز پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئوسكا ئىۋان سۇلۇئاجا بىلەن ھازىرقى زۇڭتۇڭ، مىللىي ئىتتىپاقلىق سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سانتوس ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ قوللاش نىسبىتى ئوخشاشلا 30 پىرسەنتتىن ئاشمىغان.

  كولومبىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ناۋادا تۈنۈگۈن بىرمۇ نامزات يېرىمدىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشمىگەن بولسا، ئېرىشكەن بېلەت سانى جەھەتتە ئالدىدا تۇرغان ئىككى نامزات 15-ئىيۇن ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر