- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نورۋېگىيەلىك كىچىك ئەزىمەت دۇنيا بويىچە تۇنجى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئالىي قوماندانى بولدى
2014.05.13 18:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 12-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: نورۋېگىيەلىك گېنېرال مايور كىرىستىنې لون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال قوماندان بولۇپ قالدى.
كىرىستىنې لون بۇ يىل سېنتەبىردە 2011-يىلى يانۋاردىن ئېتىبارەن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان جۇڭگولۇق گېنېرال مايور ليۇ چاۋنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپ ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بان كىمون ليۇ چاۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئۇنىڭ تۆھپە قوشۇش روھى، كەسپىي سەۋىيەسى ھەمدە رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر