- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئابباس بىلەن خاماس ئەمەلدارى ئىچكى قىسىمدىكى يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈستىدە كېڭەشتى
2014.05.13 18:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباس تۈنۈگۈن پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن بۇيان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى.
خاماس كابىنېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ناسىر شائىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى گۇرۇھنىڭ بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلغان پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يارىشىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. خاماس فاتاخ بىلەن بولغان يارىشىشقا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ. خاماس فاتاخ بىلەن تېزدىن تېخنىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر