باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ماندېلانىڭ ۋاپاپ بولغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردى، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا مەنسۇپ(2)

2013.12.09 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روببېن ئارىلى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇكىزې مۇنداق دېدى: بىز ماندېلانىڭ ئىلاھ ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، ئۇ بىزدىن ئايرىلدى، لېكىن بىز بۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى خالىمايتتۇق، ھازىر ماندېلا نەپەستىن توختىدى، لېكىن ئۇنىڭ روھى ئۆلمىدى. بىزنىڭ ئۇنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىشىمىز- ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش. ئۇ قىلىپ بولمىغان ئىشلارنى جۈملىدىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، ھەقىقىي ئىرقىي باراۋەتلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى تاماملايمىز.

  ماندېلا ۋاپات بولۇپ 2-كۈنى روببېىن ئارىلىدىكى ساياھەتچىلەر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدىن كۆپىيىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا ماندېلا قامالغان قاماقخانىغا بېرىپ سۈكۈناتتا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى.

  تۈرمىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىر تاش كېنى بولۇپ، ماندېلا ئىلگىرى بۇ يەردە ئەمگەك قىلغان ھەمدە ئۆپكە تۇبىركليۇزىغا گىرىپتار بولغان. ئاخىرىدا ئۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. بۈگۈنكى كۈندە تاش كېنى يەنىلا ئەينەن ساقلاپ قېلىنغان ئىدى، ماندېلا ئىشلەتكەن ئەمگەك قورالى بۇ يەرگە قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئىرقىي ئايرىمىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئۈن-تۈنسىز شىكايەت قىلىپ تۇرغاندەك قىلاتتى.

  نورۋېگىيەنىڭ كەلگەن ساياھەتچى سۇجى مۇنداق دېدى: ئۇزۇن يىللىق تۈرمە تۇرمۇشى ماندېلانىڭ كۆڭلى كۆكسىنى تارايتالمىدى، ئۆچمەنلىككە تولدۇرمىدى، ئەكسىچە، ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەردە بولمايدىغان كەڭ قوساقلىق بىلەن ئىرقىي زىددىيەتنى پەسەيتتى. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى مانا مۇشۇ يەردە، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

  چەت يىراق شەرقى كېيپ ئۆلكىسى گۇنۇ كەنتىدە ئىلگىرىكى كۈلكە ئاۋازلىرى قالمىدى. بۇ يەردە ماندېلا ئەڭ گۈزەل بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ماندېلا ھايات ۋاقتىدا قازا قىلغاندىن كېيىن گۇنۇ كەنتىگە دەپنە قىلىشنى، مۇراسىم ئۆتكۈزمەسلىكىنى، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىقنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە ماندېلا قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۇنۇ كەنتىدە قەبرە ئورنىنى ئوبدان تاللاپ قويدى. كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ياخشى ئەنئەنىۋى شەكىل بىلەن بۇ يۇرتدىشىنى دەپنە قىلماقچى. ماندېلانىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى دوستى ئېندوبى مۇنداق دېدى: ئۇ سىياسىي مۇنبەردىن چېكىنىپ بۇ يەردە ئاخىرقى ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. لېكىن بىز ماندېلانىڭ گۇنۇغا مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن، جەنۇبىي ئافرىقىغا، پۈتۈن دۇنياغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر