باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاۋات ناھىيەسىدە«ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2013.12.09 17:36   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاۋات ناھىيەسىدە«ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف ئالاقىسى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ شىركەتنىڭ مەسئۇللىرى ئاۋات ناھىيەسىدە «ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئايباغ يېزىسى ۋە ئاۋات كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنى ۋە ئابۇنىتلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىغا بېرىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىگە بولغان پىكر- تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى. غەيرەت سالىيوف كەڭ ئاممىنى يانفون گېزىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىشقا چاقىرىق قىلدى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ شىركەتتىن كەڭ يانفون ئابونىتچىلرىنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ روھىنى ھەقىقىي، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 2013- يىلدىن باشلاپ « ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭ تېلېگرافى، كۆچمە خەۋەرلىشىش، برلەشمە خەۋەرلىشىش ئارقلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 715 مىڭ ئۇيغۇر يانفون ئابونىتچلىرىنى ھەقسىز ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى بىلەن تەمىنلەپ، جاڭ چۇنشيەن شۇجىنىڭ « ھەممە ئادەمگە يېتىپ بېرىش، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش»تەك تەشۋىقات تەلىپىنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇردى. (ئاۋات ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز