باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن جاڭ سۇڭتەكنى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرارغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.12.09 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 9-چېسلادىكى خەۋىرى مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 8-چېسلا پيۇڭياڭدا ئېچىلدى، يىغىندا جاڭ سۇڭتەك گۇرۇسى پارتىيە ۋە ئىنقىلابقا قارشى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى جاكارلاندى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندىن بۇيان پارتىيە ئىچىدىكى «غەيرىي ئۇنسۇر»لار ئاساسىي ئىنقىلابىي ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم تارىخىي مەزگىلدە پارتىيەنىڭ بىردىنبىر رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بىكار قىلىپ، مەزھەپچىلىك ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ، بۇ پارتىيە خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، جاڭ سۇڭتەكنىڭ پارتىيە ۋە ئىنقىلابقا قارشى مەزھەپچىلىك قىلمىشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا جاڭ سۇڭتەك گۇرۇھىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قارارى بىلەن، ئۇنى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاشنى، بارلىق ناملىرىنى بىكار قىلىشنى ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى. (جاڭ لى، دۇ بەييۈ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر