خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شىنجاڭ ستودېنتلىرىنىڭ كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 8 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىشىمچە، بۇ مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى 30 – نويابىر باشلانغان بولۇپ، مۇسابىقىگە شىنجاڭدىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 21 ئالىي مەكتەپ، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان، 8 – دېكابىردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەۋەتكەن ماھىرلار 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تۆت مەكتەپ ماھىرلىرى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە مەكتەپ ماھىرلىرى 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر