خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تايلاندتىكى ئەك چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكىراتلار پارتىيەسى 8-دېكابىر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوپچە ئىستېپا بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى كوللېكتىپ نامايىش قوشۇنىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى. دېموكراتلار پارتىيەسى بۇنىڭ بىلەن يىڭلا ھۆكۈمىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئېغىرچىلىق سالدى. زوڭلى يىڭلا 8-دېكابىر پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم كۆپ سانلىق ئاۋامنىڭ ئارزۇسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. يىڭلا يەنە دۆلەتنىڭ مالىمانچىلىقىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن خەلق قارار قىلىش ئارقىلىق بېكىتىش تەكلىپى بەردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى