باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى مالىيە مائارىپ سېلىنمىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ

2013.12.10 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى 9-دېكابىر ئالتە مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسىنى بېيجىڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىن، جىلىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۈي، جياڭشى، خۇبېي، شەنشى، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق 13 ئۆلكە ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە ئەۋەتىپ مالىيە مائارىپ سېلىنمىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى مەخسۇس مۇپەتتىش قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكىلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئارخىپ ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قىسمەن ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جايلارنىڭ مالىيە مائارىپ سېلىنمىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىكەن. مەخسۇس مۇپەتتىشلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە نەق مەيداندا مۇپەتتىشلىك قىلىش پىكىرىنى ئىنكاس قىلىدىكەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى جايلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە مۈپەتتىشلىك ئەھۋالىدىن دۆلەتنىڭ مەخسۇس مۇپەتتىشلىك دوكىلاتىنى يېزىپ چىقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر