باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شېنزو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا قىلغان زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى(2)

2013.11.20 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كيودو ئاگېنتلىقى ياپونىيە بىلەن كامبودژانىڭ بىرلەشمە باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئابې شېنزو ئۆزىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشتىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىنى چۈشەندۈردى دېدى. خۇنسىن ياپونىيەنىڭ تىنچ دۆلەت بولۇشقا يەنىمۇ تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ياپونىيە شۇنىڭ بىلەن بىللە كامبودژا ۋە لائوس بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ياپونىيە بىلەن كامبودژا مۇداپىئە ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى، لائوس بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىشىش رامكىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئابې شېنزو بىلەن خۇنسىن كۆرۈشكەندە، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رايون ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى تىلغا ئالدى. ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى كەڭ ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تىنچ يول بىلەن دېڭىز ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇنسىن ئىقتىساد ساھەسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ كامبودژانىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.ئابې شېنزو 13 يىلدىن بۇيان كامبودژادا زىيارەتتە بولغان ھەم ئىككى تەرەپلىك نام بىلەن لائوستا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ياپونىيە باش ۋەزىرى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن باش ۋەزىر بولغان يوشىخىكو نودا بۇلتۇر 11-ئايدا لائوسقا بېرىپ، ئاسىيا، ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. ئابې شېنزونىڭ كامبودژا، لائوستىكى زىيارىتىنى تاماملىشى-بۇلتۇر 12-ئايدا باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىنكى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ ھەممىسىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقتىن دېرەك بەردى.

  ئابې شېنزو باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياكى ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى. شەخسەن ئۆزى زىيارەتتە بولغاندىن سىرت، ياپونىيە يەنە 13-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە ئۆزى ساھىبخان بولۇپ، ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئاچماقچى بولدى.

  بىراق بىخەتەرلىك ئىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەينى يىللىرى ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، ياپون مىلىتارىزمىدىن باشتىن-ئاخىر پەخەس بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئابې شېنزو تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۇنىماي، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپكە خىرىس قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇزۇندىن قارىغاندا بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. «ئىقتىسادشۇناسلار»، «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئىلگىرى ئابې شېنزونىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىدە خەتەرلىك تارىخنى ئۆزگەرتىش تۈسى بار بولۇپ، پۈتكۈل شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دېگەن ئىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر