باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى: 21-ئەسىر جۇڭگوغا تەۋە دېدى

2013.11.20 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-نويابىر، نەنجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادى كۈچلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى، كۋانت فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى جىم لوجېس مۇنداق دېدى: 19-ئەسىر ئەنگلىيەگە ، 20-ئەسىر ئامېرىكىغا، 21-ئەسىر جۇڭگوغا تەۋە. يىغىندا ئۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادى يۆنىلىش مۆلچەرىگە نەزەر سالدى.

  16-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادى كۈچلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، لوجېس جۇڭگو ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار ۋە نەزەرىيە بىلەن نۇتۇق سۆزلەشتەك شەكىلنى قوللانماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ نەق مەيداندا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا بولغان كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. يىغىندا ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى مۆلچەرلىدى.

  لوجېس نۇتقىدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم دۇنيانى ئايلانغانلىقى، بىرىنچى قېتىم 1990-يىلى بولۇپ، موتىسىكىلىتلىق 50 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقى؛ ئىككىنچى قېتىم 1999-يىلى بولۇپ، ساياھەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 116 دۆلەتكە بارغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىم ئالتىنچى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن لوجېس مۇنداق دېدى: مەن 1984-يىلى تۇنجى قېتىم نەنجىڭغا كەلگىنىمدە جۇڭگودا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىك ئېچىۋېتىلىش يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىدى، شۇ چاغدا مەن 21-ئەسىرنىڭ ئاسىياغا تەۋە بولىدىغانلىقى، ئاسىيانىڭ مەركىزىنىڭ جۇڭگو ئىكەنلىكىنى تولۇق جەزملەشتۈرگەن ئىدىم. مېنىڭ ئىككى قىزىم ھازىر خەنزۇچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ، مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى جۇڭگودا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لوجېس كەسكىن قىلىپ: بىر كۈنلەردە مېنىڭ تۇرمۇشۇم ۋە پۇلۇممۇ ئوخشاشلا مەن بىلەن بىللە جۇڭگوغا كۆچۈپ بارىدۇ.

  نەق مەيداندا لوجېس يەنە ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى تىلغا ئالدى، ئۇ جۇڭگونىڭ داۋاملىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش كۈچىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن: تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بازار خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش دەرىجىسىنى قوزغايدۇ، مەن خەلق پۇلىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا پۇل بازىرىدا زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ھەمدە قولۇمدىكى خەلق پۇلىنى داۋاملىق كۆپەيتىمەن. ئۇ يەنە كەلگۈسى ئون يىلدىن 20 يىلغىچە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيا زاپاس پۇلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  لوجېس جۇڭگونىڭ پاي بازىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل جۇڭگونىڭ پاي بازىرىغا دىققەت قىلدىم. مەن ئازراق پاي سېتىۋالدىم، ناۋادا جۇڭگو سىجىل ئېچىۋېتىش ھالىتىنى ساقلىسا، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مالىيە دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ شۇنداقلا مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش نىشانىم بولۇپ قالىدۇ.

  لوجېسنىڭ كەلگۈسى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە نىسبەتەن مۇستەقىل تەھلىلى بار. ئۇ جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتتى، ئىشىنىمىزكى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىپ مۇھىتنى ئوڭشايدۇ ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا بۇ جەھەتكە سېلىنىدىغان مەبلەغ 25 پىرسەنت كۆپەيتىلىدۇ. مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى مۇھىتنى ئوڭشايدىغان تازىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرگە يوشۇرۇنغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، تۆمۈريول ترانسپورت كەسپى ھەمدە دورا داۋالاش كەسىپلىرىگە تولۇق ئىشەنچتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ قەيەردە بولسا، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىمۇ شۇ يەردە دېدى.

  يىغىن ئاخىرىدا لوجېس ئىككى قىزىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خەنزۇچە ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ناۋادا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنسا، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ نەنجىڭگە كۆچۈپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لوجېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەنجىڭ ئۆزگىچە تارىخقا ئىگە جاي، گەرچە كەلگۈسىدە ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلايدىغان بولسىمۇ، ئەمما نەنجىڭدە ئۆي مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سالغۇدەك نۇرغۇنلىغان ياخشى ئورۇنلار ۋە سۈپەتلىك ياخشى ئۆيلەر بار، بۇلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر