باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان تارتىۋېلىش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتىكى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش 18-نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2013.11.18 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۈگۈن «تارتىۋېلىش جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەدبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش»نى ئېلان قىلدى، 2013-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق بېكىتىلدى، تارتىۋېلىنغان ھۆكۈمەت-خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۈلۈك قىممىتى 1000 ~ 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30مىڭ ~ 80مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200مىڭ ~ 400مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 267-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم-ئايرىم «سوممىسى بىرقەدەر كۆپ»، «سوممىسى ناھايىتى كۆپ»، «سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ» دەپ بېكىتىلىدۇ.

  ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق كۆرسىتىلدى، تارتىۋېلىنغان ھۆكۈمەت-خۇسۇسىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى، «بولاش، تارتىۋېلىش ياكى توپلىشىپ كەتكەنلىكتىن جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەن»، «بىر يىل ئىچىدە تارتىۋېلىش ياكى بۇلاپ كېتىپ مەمۇرىي جازا بېرىلگەن»، «بىر يىل ئىچىدە 3 قېتىمدىن ئارتۇق تارتىۋېلىش» قاتارلىق 10 خىل ئەھۋالنىڭ بىر كۆرۈلسە، «سوممىسى بىر قەدەر كۆپ» بولغان ئۆلچەم ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنىڭ يۈزدە ئەللىك پىرسەنتى بويىچە بېكىتىلىدۇ. (مۇخبىر تيەن شىڭچۇن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر