باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شېنزو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا قىلغان زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى(1)

2013.11.20 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شېنزو 16-، 17-نويابىر كامبودژا ۋە لائوستا زىيارەتتە بولۇپ، ئۆزى باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىنكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى تولۇق ئاياغلاشتۇردى.

  ئابې شېنزو نۇرغۇن پۇل بىلەن كامبودژا ۋە لائوسقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۆزىنىڭ ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك قارىشىنى بازارغا سالدى، قارشى تەرەپلەر بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئابې شېنزو كۆڭلىدىكى چوتنى ئاستا-ئاستا سوقۇشقا باشلىدى، لېكىن بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۆز خاھىشىلا بولۇپ قالدى خالاس دەپ قارىدى.

  ئابې شېنزونىڭ كامبودژا ۋە لائوسقا بېرىدىغان ياردىمى-ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش سىستېمىسىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئابې شېنزو 16-نويابىر كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپونىيەنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن كامبودژانىڭ سەھىيە ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئابې شېنزو ياپونىيەنىڭ 2015-يىلى 3-ئايغىچە كامبودژادا بىر دوختۇرخانا سېلىپ، جىددىي داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى بىر فوند، ياپونىيە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ماگنات بولغان نىككى پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركىتى ۋە كىتاخارا خەلقئارا دوختۇرخانىسىدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  كامبودژانىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ياپونىيە يەنە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ، كامبودژانىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن قېلىپ قالغان مىنالىرىنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇندىن باشقا، ئابې شېنزو ياپونىيەنىڭ كامبودژاغا قىزىل كىخمىرلارنىڭ بىر سابىق رەھبىرىنى سوتلايدىغان ئالاھىدە سوتقا بىر مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ئابې شېنزو 17-نويابىر لائوس باش مىنىستىرى توڭسىڭ تامماۋوڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ياپونىيە لائوسنىڭ بىر ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ سېلىش تۈرىگە بېرىدىغان ياپونىيە يىنى قەرزىنى كۆپەيتىدىغانلىقى ھەم لائوسنىڭ تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە ئېرىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەھىيە ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى دېدى.

  كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەتتىكى زىيارەتتە، ئابې شېنزو قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ياپونىيەنىڭ چەتئەللەردىكى بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ھەرىكىتىنى كېڭەيتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر