- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گۋاتېمالادا يەنە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
2012.11.12 14:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-نويابىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بېيجىڭ ۋاقتى 2012–يىل 12–نويابىر سائەت 6:15 دە ، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەت گۋاتېمالانىڭ دېڭىز بويى رايونىدا يەنە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 29.9 كىلومېتىر كېلىدىكەن .
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 2012–يىل 11–نويابىر سائەت 6:15 دە ، گۋاتېمالادىكى چامپېرىكونىڭ غەربىي جەنۇبىغا 24 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 7–نويابىر ، گۋاتېمالادا 7.4 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن ھەمدە ئەتراپتىكى مېكسىكا ۋە سالۋادور قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن . نۆۋەتتە ، يەر تەۋرەشتە 52 ئادەم قازا قىلىپ ، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان ، نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە