مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز

2020.09.10 13:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  «بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى».

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋدىكى يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى سۈن شيەنلى مۇنداق دېدى: «مەن مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندىم، كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىمنىڭ تېخىمۇ كۆپرەكى يەنىلا ئېغىر مەسئۇلىيەت بولدى. شان - شەرەپ مەن ئۈچۈن ھەم رىغبەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى ھەيدەكچىلىك، مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولىمەن».

  «<ياشلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، ياش ئەۋلادلارنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ.> باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ!» مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى كامىلجان ئالىم «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»، ۋۇخەنگە ياردەمگە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يىل 7 - ئايدا يەنە بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. «ياش ئەۋلادلار جاپادىن قورقماسلىقىمىز، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقىمىز، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ دەۋرىمىزگە تۆھپە قوشۇپ، سەلتەنەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى پۈتىمەن».

  «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، <يۇقۇم>غا قارشى ئاخىرغىچە جەڭ قىلىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئېتىقادىمىز، شۇنداقلا بىزنى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشقا يېتەكلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو تاۋ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى، «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايمەن».

  تەقدىرلەش يىغىنىدا ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» مۇزىكىسى ياڭرىغاندا، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋەپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتى 2 - چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، چوڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جيەنجياۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى ئىنتايىن قىممەتلىك. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى قەلبىمىزدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىر جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىس ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن».

  قومۇل شەھىرى شىڭشىڭشيا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى، تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، قومۇل شەھىرى شىڭشىڭشيا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زاتۇر سايرامقان ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقىنىڭ تۈپ ئاساسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن».

  شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا ئېرىشتى، بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى لى چياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملىشىش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن، بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى تىرىشىپ ساقلاپ، مېۋە - چېۋە، كۆكتات بازىرىنى يېتەرلىك تەمىنلەشكە باشتىن - ئاخىر كاپالەتلىك قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز».

  «پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز.» ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۈن ئوتتۇرا يولى كوچا باشقارمىسى چاڭچۈن شىمالىي يولى مەھەللىسىدىكى 34 پارتىيە ئەزاسى زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇي مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سىردىشى بولىمىز».

  مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ<گۇرۇھى> چەكلىك شىركىتى) خەلق تۇرمۇشى خەۋەرلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى چاۋ جىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مۇخبىرلىق قىلىش داۋامىدا، مەن نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش ئىزلارغا گۇۋاھ بولدۇم، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، مەملىكەت بويىچە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە تاراتقۇسىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

  (مۇخبىر رېن خۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ شى، سۇ لۇپىڭ، سۈي يۈنيەن، لى لىن، يې شياۋمىن، جاۋ يۆ)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ