مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزۈلمىدى ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللىدى

2020.02.28 17:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

  ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرىدىغان مۇھىم مەزگىل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش»تەك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پىكىر يولىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى يەنىمۇ پۇختا تۇتۇپ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى باشتىن - ئاخىر پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو خۇەيئەن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرىنى تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، تەرتىپلىك، ۋاقىت تەقسىماتى بويىچە ئېتىزغا چىقىش، تارقاق ئەمگەك قىلىشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى.«قەشقەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇن قادىر.

  قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرى يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش بىلەن بىللە، چارۋىچىلىقتىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ، تۇرۇبا يوللىرىنى تازىلاش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشنى دەل ۋاقتىدا ياخشى قىلىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

  «جۇڭگو پاختا شەھىرى» دەپ ئاتالغان ئاۋات ناھىيەسى، بۇ يىل بىر تۈركۈم «توپ تۇتاش كەتكەن، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئەلا، سۇغىرىش - چىقىرىش سىستېمىسى مۇكەممەل، مەشغۇلات يولى ئۆلچەملىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلانغان» يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق ئۆلچەملىك كېۋەز ئېتىزلىرىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پاختا سېتىشى تەس بولۇش، سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىشى تەس بولۇش، يىپ ئېگىرىش كارخانىلىرىنىڭ پاختا ئىشلىتىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى.

  قاراقاش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئادىل ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: «ھازىر، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 526 مىڭ 500 مو يەردىكى مېۋىلىك دەرەخ چاتاپ بولۇندى، تاماملىنىش نىسبىتى %80كە يەتتى، %45 كۈزگى بۇغداينى ئەتىيازلىق سۇغىرىش تاماملاندى، 28 مىڭ 724 توننا ھەر خىل خىمىيەۋى ئوغۇت، 874 توننا سولياۋ يوپۇق، 1196 توننا ئۇرۇق زاپاس ساقلاندى، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى غەملەش يېتەرلىك بولدى».

  «بىز پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، كۆممىقوناق ۋە كېۋەز تېرىشقا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى قۇربانجان ئىسمائىل.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ