شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشىدى
2020.02.27 17:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىدىن 2 - دەرىجىلىك لايىھەسىگە تەڭشەشنى قارار قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ