مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى ھوشيارلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش كېرەك

2020.02.27 17:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىدىن 2 - دەرىجىلىك لايىھەسىگە تەڭشەلدى. لايىھە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم، ھالبۇكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقى بۇ جەڭگە قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ چىڭ ساقلىشى، قەتئىي بوشاشماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لايىھە دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى يەنىلا كۈچەيتىشىمىز، ھوشيارلىقىمىزنى يەنىلا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئاندىن غەلىبە كۈنىنى بالدۇرراق كۈتۈۋالالايمىز.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە قارىتا، بىز ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇنى مەنسىتمەسلىكىمىز، ئىدىيە جەھەتتە ئۇنى چوقۇم يېڭەلەيدىغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە تىكلىشىمىز كېرەك. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تېزدىن 1 - دەرىجىلىك لايىھەنى يولغا قويۇپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئۇدا يەتتە كۈن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆپەيمىدى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، ئىرادىسى يەنىمۇ چىڭىدى.

  ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەۋزەللىكى بولغاچقا، مۇھىم قائىدىنى تونۇپ، چوڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىدىغان كەڭ كادىرلار، ئامما بولغاچقا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

  ئىستراتېگىيە جەھەتتە مەنسىتمەسلىك دېگەنلىك تاكتىكا جەھەتتە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. 1 - دەرىجىلىك لايىھەدىن 2 - دەرىجىلىك لايىھەگە تەڭشەش گەرچە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئارام ئېلىۋېلىشىمىزغا، ھوشيارلىقىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشىمىزغا تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنى ئېلىپ ئېيتساق، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى يېتىپ كەلمىدى؛ شىنجاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىچكىرى رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىي شارائىتىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار، نۆۋەتتە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار مىسالى يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ھەم 4000دىن ئارتۇق ئادەم تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بېسىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ زورىيىۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزى تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ئىنتايىن ھىيلىگەر بولۇپ، ھازىرغىچە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىشىمىزدە يەنىلا بىلمەيدىغىنىمىز بىلىدىغىنىمىزدىن كۆپ.

  دەل شۇنداق بولغاچقا، يۇقۇم ۋەزىيىتى قانچە پەسىيىشكە يۈزلەنسە، بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىمىز ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىمىزنى شۇنچە كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەنىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلىشىمىز، مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىشىمىز، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئەڭ كۈچەۋاتقان ھالقىلىق باسقۇچتا، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشىمىز، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان، تەلەپچان، ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىدىغان، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئىرادىنى ئۆزگەرتمەي، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى ئۆزگەرتمەي، ھەر ۋاقىت بوشاشماي، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن خەلقنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭىدىكى ھەربىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، چىڭىتىپ، تۇمان تارقىغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل باھارنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ