خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ زور مەخسۇس خىزمەتلىرى ئەزالىرى تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ 2- قېتىملىق ئاساسىي تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى مەيدان پائالىيىتى 16- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيايى «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچ» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەش ھەمدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بولسا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلىرىدۇر. ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2019- يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى باش تېمىلىق تەشۋىقات ئۆمىكىدىن ئۈچنى تەشكىللىدى. ئۇئاساسىي تېما تەشۋىقات ئۆمەكلىرىدىن 2- ئۆمەك شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشكە كېلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە بىرلىك سەپنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە ئىسلاھات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە قوشقان تارىخىي تۆھپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ