مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش لازىم

2019.08.20 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇنبەرگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن!

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو «زۇمرەتتەك سۇلار، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقتىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىي چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئەۋلادلارغا قىممەتلىك تەبىئىي مۈلۈك قالدۇرۇشتۇر. بۇ، جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى.

  جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەم چەت ئەلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئۆرنەك قىلىشى كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ «دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىستېمىسى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  شى جىنپىڭ

  2019-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-نۆۋەتلىك دۆلەت باغچىسى مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مۇنبەرگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو «زۇمرەتتەك سۇلار، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلارنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىي چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئەۋلادلارغا قىممەتلىك تەبىئىي مۈلۈك قالدۇرۇش. بۇ، جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەم چەت ئەلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئۆرنەك قىلىشى كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ «دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىستېمىسى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ