مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك

2019.08.20 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېيلۇڭجياڭ خاربىندا قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سىياسەت – تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېنتاۋ ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شۈ چىن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گوڭ جېڭ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شۈ داجې، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ليۇ گوجۇڭ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بۇ يىلدىن بۇيان تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ مەركەزلىك كۈچ چىقارغانلىقى، بولۇپمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كارخانىلارنى «يەڭگىل سەپەرگە ئاتلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. كۆپچىلىك يەنە نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىدى ۋە تەكلىپ بەردى. لې كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىنتايىن چېگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى – سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ يىل دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا شەھەر – بازارلاردا 8 مىليون 670 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. لېكىن 7 – ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاشتى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى نىشانى. دۆلىتىمىزدە يىلدا شەھەر – بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان 15 مىليون كىشى ئەتراپىدا يېڭى ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەمگەك كۈچى بار، يەنە 3 مىليون يېزا ئىگىلىك ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك، شۇڭا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نۆۋەتتىكى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش، ئاساسنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاپ، نىسبەتەن يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ