مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«سىرتقا چىقىش» بىلەن «ئۆيدە قېلىش»: موللەكنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىككى خىل تاللىشى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چيۇجىن، ۋاڭ يۈجاۋ، لى لىن، ئۆتكۈر نىجات، چىن يۆۋېن

2019.05.10 16:48

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قۇمۇشئۆستەڭ كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى كىچىك كەنت، ئالدىنقى يىللاردا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت قوش جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياشلارنىڭ تاللىشى بارغانسېرى موللاشتى. 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، كەنت ئاھالىسى موللەك ئىمىننىڭ ئائىلىسىدە، مۇخبىرلار تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن چوڭ ئوغلى ئېزىز موللەكنى ئۇچراتتى، ئۈچ ئاكا - ئىنىنىڭ «سىرتقا چىقىش» بىلەن «ئۆيدە قېلىش» توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. ھېكايىدە ئەكس ئەتكىنى بىر ئائىلىدىكى ئۆزگىرىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر كەنتتىكى ئۆزگىرىش ئىدى.

  ■ ئايرىلىش تىرىكچىلىك ئۈچۈن

  «سىرتقا چىققاندا ئىستىقبالى بولىدۇ، مەن خېيلۇڭجياڭغا بارىمەن.» ئېزىز بۇ ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، موللەك داڭ قېتىپ قالغانىدى. 1998- يىلىدىكى ئاشۇ چاغلاردا، موللەكنىڭ نەزەرىدە «ئىستىقباللىق بولۇش»نىڭ ئۇسۇلى يەر تېرىش ۋە كادىر بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىدى.

  ئوغلىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغۇسى بولسىمۇ، لېكىن موللەك ھەقىقەتەن ئېغىز ئاچالمىغانىدى ــــ بەك كەمبەغەل، ئائىلىدە بالا كۆپ بولۇپ، بىر زاغرىنىمۇ تەڭ ئۈلەشتۈرگىلى بولمايتتى.

  موللەك شەرقىي شىمالنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، شۇڭا جۇڭگو خەرىتىسىدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، ئاۋۋال شىنجاڭنى تاپتى، ئاندىن بېيجىڭنى تاپتى، ئۇ پەقەت مۇشۇ ئىككى جاينىڭ ئىسمىنىلا دېيەلەيتتى.

  خېلى ئۇزاق ئىزدەپ ئاخىر خەرىتىنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى «خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى» دېگەن خەتنى تاپتى، شەرقىي شىمالنىڭ شىنجاڭدىن شۇنچە يىراقلىقىنى، ئەمما بېيجىڭغا يېقىنراق ئىكەنلىكىنى كۆردى. «ياخشى جايدەك قىلىدۇ» دەپ ئويلىدى موللەك.

  شۇنىڭ بىلەن، ئېزىز خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جيامۇس شەھىرىگە بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلدى، ئاتا - ئانا بىلەن ئوغۇلنىڭ بىردىنبىر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى تېلېفونى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئېزىزنىڭ ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىنى پۈتۈشكەنىدى.

  ھەر قېتىم شۇ يەكشەنبە كۈنى كەلگەندە، ئانىسى پاتەمخان مەمەت تېلېفون كېلىدىغان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ئەنسىرەپ، ناھىيەگە بېرىپ تېلېفون ساقلايتتى. بەزىدە ئېزىز تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، پاتەمخان جاھىللىق بىلەن پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى تاش كۆتەكتە ئولتۇرۇپ، كۈنبويى ساقلايتتى.

  «بىر مىنۇتى بىر يۈەن، ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىمدا 25 يۈەن خەجلىدى» دېدى پاتەمخان. تېلېفونلىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۆيدىكىلەر ئېزىزنىڭ كاۋاپچىلىق تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەتراپتىكىلەر بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدى. 2001- يىلى، ئۆيدىكىلەر ئېزىز ئەۋەتكەن پۇل بىلەن مۇقىم تېلېفون ئورناتتى، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىشى قولايلاشتى.

  ■ شىمالغا بېرىش ئارزۇ ئۈچۈن

  2003- يىلى، ئېزىز پۇرسەتنى پەملەپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شۇاڭياشەن شەھىرىگە كېلىپ كاۋاپچىلىق قىلدى، كېيىن تىجارىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، تېلېفوندا تۆتىنچى ئىنىسى ئەمەت موللەكنىڭ كېلىپ ياردەملىشىشىنى ئېيتتى.

  ئەينى يىلى ئەمەت ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەر قىلىشى بولغاچقا، 20 يۈەن خەجلەپ بىر چامادان سېتىۋالدى، يەنە بىر يۈرۈش كاستۇم - بۇرۇلكا، بىر گالىستۇك سېتىۋېلىپ، ئۈستبېشىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈردى.

  ئەمەت ئالدى بىلەن نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئاقسۇغا باردى، ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شەرققە قاراپ يۈرۈپ، كەينىدىن شىمالغا مېڭىپ خاربىنغا كېلىپ، ئاخىر ئاكىسى بىلەن ئۇچراشتى. بەش كېچە - كۈندۈز سەپەر قىلىپ، ئاكىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەمەتنىڭ كۆز چاناقلىرى كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەنىدى.

  شۇاڭياشەن شەھىرىنىڭ كوچىسىدا، ئەمەت كۆز ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارنى، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرىنى، يولدىكى كىشىلەرنىڭ مودا كىيىنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇچىسىدىكى كاستۇم - بۇرۇلكا، گالىستۇكنىڭ قانداقلا قارىسا زامانغا ماسلاشمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «كاۋاپنى ياخشى ساتساملا بولدىغۇ.» ئەمەت ئۆزىگە شۇنداق مەدەت بەردى.

  ناھايىتى تېزلا، ئەمەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. موللەكنىڭ گېپىدىن بۇ ياشنىڭ ئارزۇسىنىڭ تەدرىجىي ئايدىڭلاشقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئەمەت كىچىك ۋاقتىدا بىر موتوسىكلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن، كېيىن پىكاپى بولۇشنى ئۈمىد قىپتۇ. كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىدا يەنە ئۆزگىرىش بوپتۇ، ئۇ 100 مىڭ يۈەن تېپىپ، خوتۇن ئېلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ، خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشقانلىق، دەپ قارايدىغان بوپتۇ.

  2007- يىلى، ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى پۇل چىقىرىپ ئەمەتكە كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئاشخانا ئېچىپ بەردى، يەنە بىر قانچە يۇرتلۇقىنى ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى. ئەمەتنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، كاۋاپنى بېرىلىپ سېتىپ، يىل ئاخىرىدا 150 مىڭ يۈەن تاپتى، ئۇ 100 مىڭ يۈەن تېپىش ئارزۇسىنىڭ بۇنچە تېز ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى!

  ئۇنداقتا ئەمەتنىڭ ھازىرقى ئارزۇسى نېمە؟

  «ئۇنىڭ ھازىرقى ئارزۇسى مېنى ۋە ئانىسىنى ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ، بىزگە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى كۆرسىتىش.» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە موللەك تارتىنىپقىنا كۈلدى، بالىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئۆزى بىلەن باغلانغانلىقىدىن ئۇ چەكسىز بەخت ھېس قىلغانىدى.

  ■ ئۆيدە قېلىپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش

  شەرقىي شىمالدىكى چوڭ ئاكىسى ۋە ئىنىسىغا سېلىشتۇرغاندا، موللەكنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سالى موللەكنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشى ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇرتتا قېلىشمۇ بىر خىل ياخشى تاللاش ئىدى.

  بۇ يىللاردا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە قابىل كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتە يەككە تىجارەتچىلەر كۆپەيدى، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ قۇرۇلدى. بولۇپمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە، كەنت بىر توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى كىرگۈزۈپ، كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇلتۇر، كەنتتە دۆلەت يولىغا تۇتىشىدىغان بىر تاشيول ياسالدى، يول كەڭ بولمىسىمۇ، قاتناش بىردىنلا قولايلاشتى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالدىدىكى دۇكانلارنى رېمونت قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ناۋايخانا، كاۋاپخانا، ساتىراشخانا ئېچىلىپ، كەنت بىردىنلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى، كەيپىياتمۇ جانلاندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاكىسى، ئىنىسىنىڭ تەسىرىدە، سالى سودا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانىدى. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ ئۆرۈكى، ئۆرۈك قېقىنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە سېتىپ، ھەر يىلى خېلى كۆپ پۇل تاپتى. ھازىر توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئوبدان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەسكىنلىك بىلەن توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا پاي قوشۇپ، ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا پايدىغا ئېرىشىدىغان بولدى. «ھازىر مەنمۇ بىر سودىگەر، ئاكام بىلەن ئىنىمنىڭ شەرقىي شىمالدىكى تۇرمۇشىغا ئازراقمۇ ھەۋەس قىلمايمەن، يۇرتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا بېيىغىلى بولىدۇ» دېدى سالى مەيدىسىگە ئۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا.

  «بۇ يىل ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقىپ تاكسى ھەيدەيمەن، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلىمەن.» سالى مۇنداق دېدى: پۇل تېپىش ئۈچۈن يۇرتتىن ئايرىلىش ھاجەتسىز، يۇرتىمىزدا پۇرسەت بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مەن ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىمدىن ناھايىتى رازى.

  سالىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئاكىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى سودىسى بەك يۈرۈشۈپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردىمۇ، ئۇ ئىزچىل سىرتقا چىقماپتۇ، باشتىن - ئاخىر يۇرتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپتۇ. ئادەتتىكى دېھقاندىن ئۇششاق تىجارەتچىگە، ئاندىن ھازىرقى توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ بىر پايچىكىگە ئايلانغان سالى مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى يۇرتىمىزنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى، ئائىلىمىزدىكىلەر بۇنىڭدىن ئەڭ بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچىلەر.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ