مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.05.10 16:47

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، دىققەت كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئانالىز قىلىنىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس لايىھە تۈزدى. يىغىندىن ئىلگىرى، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگەندى ھەم كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، دىققەتنى كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  يىغىندا شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپا بەنزە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، كەسكىن، ئەستايىدىل ھالدا تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىستېمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزۈمنى مەنبەدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك؛ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ ئىگىلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ