باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سېيىت

2018.11.27 09:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، بۈيۈك سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە زىممىسىگە ئالىدىغان بۇرچى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كونا قىياپەتنى يېڭىلاشنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد تېز راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت مەدەنىي ئالغا بېسىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ بىر پۈتۈن دۇنيامۇ ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ئالاھىدە سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللاپ، بىزگە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ھەم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى، چىن دوستلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  لېكىن چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلىپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلدى، ئۇلار مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي تەلۋىلىك قوزغاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۇلۇغ ئىشى مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» پەۋقۇلئاددە كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىدىغان بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى. «ئۈچ خىل كۈچ»نى قورشاپ يوقىتىش، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاشتىن ئىبارەت بىر مەيدان ھەيۋەتلىك خەلق ئۇرۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مەيدان ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كەسكىن ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن بىز پارتىيەگە يۈز كېلەلەيمىز، دۆلەتكە يۈز كېلەلەيمىز، خەلققە يۈز كېلەلەيمىز، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىگە يۈز كېلەلەيمىز.

  بىرىنچى، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئادەم بولۇشى، ئىش قىلىشىدىكى ئاساسىي تۆۋەن چېكى

  مەن دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى مەندەك بىر دېھقان پەرزەنتىنى داشۆدە ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يەتكۈزدى ھەم پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسىدە، تەدرىجىي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم شۇنى چۈشەندۈردىكى، كومپارتىيە بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئائىلىمىزدىكىلەرگە، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىكارغىلا كېلىپ قالمىغانلىقىنى، بۇنى ھەرگىزمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بەرمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان كىشىنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭمىغان كىشى دەل يامان غەرەزلىك كىشى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دەل يامان غەرەزلىك كىشىلەر، ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلدى، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار دۆلەت ئالدىدىكى جىنايەتچىلەر ۋە مىللەت ئالدىدىكى نومۇسسىزلار. پارتىيە ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ساتقىنلىق قىلغانلار، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە ساتقىنلىق قىلغانلار ھامان تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، «ئىشنىڭ يولىنى بىلىش، قائىدە، ھەققانىيلىقنى سۆزلەش»- پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك تۈپ مىزانى

  جۇڭگو ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىدە ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. لېكىن چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ھەمدە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر رەزىللىكتە ئۇچىغا چىقىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاممىغا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى، بۇ سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى قىلمىش. سوراپ باقايلى، دۇنيادا قايسى نورمال دۆلەت بۆلگۈنچىلەرنىڭ دۆلەتنى خالىغانچە پارچىلىشىغا يول قويىدۇ؟ دۇنيادا قايسى نورمال دۆلەت زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشىغا يول قويىدۇ، كەسكىنلىك بىلەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلمايدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بۇنداق دۆلەت چوقۇم يوق. بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغان، قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغان، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ نەپرىتىگە قالغانلار پۈتۈنلەي ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلار، ئۆز بېشىنى يېگەنلەر، ئۇلار ئائىلىسى ۋە ئەۋلادلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئازابمۇ ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئاچچىق مېۋىسى.

  يامان غەرەزلىك بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەتنىڭ مائارىپ، ئۆيلىنىش قاتارلىق سىياسەتلىرىگە خىرىس قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى توغرىسىدا قالايمىقان بىلجىرلىدى، ھەتتا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر بۇيۇملىرىغا قول تىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ھەرخىل ئاساسسىز گەپ- سۆزلەرنى تارقاتتى، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ھەممىگە ئايان. تىل ھەم يېزىق بىر خىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش قورالى، ئەگەر كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتتە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلمىسا، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە قانداقمۇ پايدىلىق بولسۇن؟ شۇڭا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خەلقنىڭ مەنپەئىتى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئورتاق ئالغا بېسىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەت، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ پىلان، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئۇلۇغ ئىش. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تىل ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىشى بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلاندى، ئەجەبا، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز پۇقراسى تۇرۇقلۇق، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟

  ئۈچىنچى، «سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇش، ھەرىكەتتە باشلامچىلاردىن بولۇش»- پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم قوللانمىسى

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، بۇ، بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەم سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇشىمىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرىكەتتە باشلامچىلاردىن بولۇشىمىزغا موھتاج. پارتىيە تەشكىلىنىڭ بىزنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، بىزگە ئىشىنىپ، بىزنى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەيىنلىشى دەل بىزنىڭ رەھبىرىي كادىرلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىمىزنى، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىمىزنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلغانلىق. سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇش دېگەنلىك، مەيلى سەھنىدە ياكى سەھنىدىن چۈشكەندە، سەككىز سائەت ئىچىدە ۋە سەككىز سائەتتىن باشقا ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەش دېگەنلىك. بىز پەقەت ھەر خىل سورۇنلاردا چىن قەلبىمىزدىن سۆزلىسەكلا، ئىچىمىز بىلەن تېشىمىز بىردەك ھالدا سۆزلىسەكلا، ئېنىق سۆزلىسەكلا، چوقۇم ناھايىتى زور رول ئوينىيالايمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، پارتىيە تەشكىلىنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە ئىشەنچىگە يۈز كېلەلەيمىز، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرىكەتتە ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئىدىيەدە ۋە ھەرىكەتتە يۈكسەك بىردەك بولۇشى، ھەرگىزمۇ دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە تېخىمۇ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، ئەگەر بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بايرىقىمىز روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىسەك، ھەر مىللەت ئامما مۇقەررەر ھالدا تەشۋىشلىنىپ، گاڭگىراپ قالىدۇ. ئەگەر بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭمىساق، ئاتاكىغا ئۆتمىسەك، ھەر مىللەت ئامما قانداقمۇ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلالىسۇن؟ بىزنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىمىز ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى سەركە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر. شۇڭا رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ئېتىقادى چىڭ، مەيدانى مۇستەھكەم، ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولغاندىلا، ئاممىنىڭ ئاندىن ئۈلگىسى بولىدۇ، ئاممىنىڭ ئاندىن كۈچى بولىدۇ، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك پولات سېپىلىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرغىلى بولىدۇ.

  تۆتىنچى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى»دىن بولۇش پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى شەرەپلىك بۇرچى

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باشتىن- ئاخىر بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق گۈزەل، ياخشى، ھەققانىي، ئىلمىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن كەلگەن نەتىجە. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىش مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بەرگەن مول مېۋە. بىراق «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بۇ خىل ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىماي، بارلىق ئاماللار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جېنىنىڭ بارىچە «ئۈچلەشتۈرۈش»نى تارقىتىپ، تەرغىب قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، «دىن ئەلاچىلىقى»، «مىللەت ئەلاچىلىقى» قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇل تېشىنى تەۋرىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاشتەك بۇ جىنايى مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇمدۇر.

  مەن ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ھەر مىللەت يولداشلارنىڭ جىسمىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ياردىمى ۋە كۆيۈنۈشىگە ئېرىشتىم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا يۈكسىلىش جەريانى، مېنىڭ بىلەن ھەر مىللەت دوستلار، خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت دەل ھېچكىم بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مۇناسىۋەت. بۇ خىل مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولغان كىشىلەر شۈبھىسىزكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇڭا بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىلىك، باشلامچىسىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  100 يىللىق ئۇلۇغ پىلاندا، مائارىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق بىز ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتىكى نۇرغۇن داۋلىنى بىلەلەيمىز، شۇنداقلا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان نۇرغۇن تۆۋەن چەك ۋە قىزىل سىزىقنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ شىنجاڭدىكى خەۋپىنىڭ زور بولۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل شۇكى، ئۇلار بىر قىسىم ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك بولۇش ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەدەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئۇلارنى بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قايمۇقتۇردى. بەزى كىشىلەر ھەق- ناھەقنى ئايرىماي، ئالدىنىپ ۋە قايمۇقۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتەك تۇيۇق يولغا ماڭدى. شۇڭا بىز جەزمەن مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۈچەپ تارقىتىپ، ئىلىم- پەننى ھۆرمەتلەپ، نادانلىقنى رەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنى مەدەنىي، زامانىۋى، دەۋر تەرەققىياتىغا لايىق كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىشىمىز ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ياش بىر ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغ پىلان، شۇنداقلا بىز پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۆزىمىزنىڭ خاس ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، خىزمەتلەرنى يۈزتۇرا ئىشلەپ، ئاممىۋى خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيە ھالىتى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشىگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، كونكرېت قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا تەربىيەلەپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى پارتىيەنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان قىلىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياردىمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جەزمەن يۈز كېلەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر