باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش يۇقىرى سۈپەتلىك ﺑﻮلغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئۇزۇنغا چىدايدۇ (بۈگۈنكى سۆھبەت)

2018.11.27 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز ئويلاپ باقمىغاننىڭ ھەممىسىنى بىز ئۈچۈن ئويلاپ بوپتۇ»... مۇخبىر يېقىندا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يىفېڭ يېزىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، دائىم بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي تەسىراتى مۇشۇنداق بولدى.

  پۇقرالارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئالقىش ياڭرىتىشىنىڭ سەۋەبى بار، بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارمۇ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىپ، كادىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان نىشانى تۇتۇقلۇقتىن بارا-بارا ئېنىق بولدى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلارنى يۆلەشتە، ماددىي جەھەتتىن بېرىش، تېخنىكىلق يېتەكچىلىك قىلىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى يەنىلا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، مەنىۋىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىشتۇر. نامرات ئائىلىلەرنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىشنىڭ يولىنى ئۈگىتىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگەندىلا، نامراتلارنى يىلتىزىدىن يۆلىگىلى بولىدۇ.

  بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە مۇھىمى كۆڭلىنى يۆلەشتۇر. «كەشتە تىكىش» ماھارىتى ئارقىلىق، زىممىسىگە ئېلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ھەر بىر نامرات ئائىلىلىنىڭ كۆڭلىگە كىرگۈزۈۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىغا بولغان ئىشەنچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلىك ھاياتىنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر