باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول — شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى

ھالقىما تەرەققىيات قەددىمىزنى كۆتۈردى (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 «بىرىنچى»)

2018.11.27 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1984-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۆلچەم بويىچە لايىھەلىنىپ ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول _____ شاڭخەي شەھەر رايونىدىن جيادىڭغا بارىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر 500 مېتىر كېلىدىغان شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قۇرۇلۇش باشلاندى. 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلىنىپ، ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك مۇساپە يېرىم سائەتكە قىسقارتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا «نۆلنى بۆسۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى جيادىڭغا ناھايىتى تېزلا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، ياپونىيەنىڭ بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى تېزلا جيادىڭغا كېلىپ، شېرىكلىشىپ زاۋۇت قۇردى. شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىپ بەش يىل ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونلاردا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %24.8 بولۇپ، جيادىڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن روشەن يۇقىرى بولدى.

  شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن كېيىن، ئېلىمىز كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساشقا باشلىدى. 1990-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 375 كىلومېتىر كېلىدىغان شېنياڭ-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، ئەينى چاغدىكى قاتناش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ قالدى ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي ئېلىمىز ئۆزى لايىھەلەپ قىلغانىدى. ئىلگىرى شېنياڭدىن داليەنگىچە بولغان 375 كىلومېتىر مۇساپىنى ئاپتوموبىل بىلەن 11 سائەتتە تۈگەتكىلى بولاتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول سېلىنغاندىن كېيىن پەقەت تۆت سائەتتىلا بارغىلى بولىدىغان بولدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بېيجىڭ-تيەنجىن-تاڭگۇ، گۇاڭجۇ-شېنجىن، جىنەن-چىڭداۋ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قاتارلىق بىر يۈرۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاماملىنىپ، رەت-رەت ئەجدىھالاردەك ئېلىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى باغاشلىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز يەنە داۋاملىق شاڭخەي-چېڭدۇ، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ياساپ، قاتناش باشلىدى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قەددىنى رۇسلىدى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر