باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى: گۈزەل شىنجاڭنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى

مۇخبىرىمىز چېن چېن

2018.11.27 09:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوغدا كۆلىدىكى قار مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى (ماتېرىيال سۈرەت).

  «بوغدا كۆلىگە ئوخشاش مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرە ئېھتىمال دۇنيادا ئاز تېپىلسا كېرەك.» بۇ، 1990- يىلى 8- ئايدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر رەھبىرى بوغدا كۆلىگە چىققاندا بەرگەن يۈكسەك باھا.

  تىيانشان بوغدا كۆلى زېمىننىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ، تەبىئەت ئۇنى بوغدا چوققىسىنىڭ قاپتىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، زېمىننىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، تاغ بىلەن كۆلنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان بولسا كېرەك.

  بۇ جايدا جۇڭگونىڭ غەربىدىكى گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ۋە ئادىمىيەت گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن! 2007- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە ئېلان چىقىرىپ، مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى تەيىنلەپ ئەۋەتكەن باھالاپ بېكىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەن، مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىدىكى گۇگۇڭ مۇزېيى قاتارلىق 66 مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى، تۇرپان شەھىرىدىكى بۇيلۇق ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى شەرەپ بىلەن بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى. تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگەن ئۈچ مەنزىرە رايونى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شىنجاڭدا ئېچىلىشى بىرقەدەر بالدۇر، تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، كۈتۈۋالىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مەنزىرە رايونلىرى ئىدى.

  كۆلدە ئەكس ئېتىپ تۇرغان قارلىق چوققىلار، كۆلنى ئوراپ تۇرغان بۇلۇتقا تاقاشقان شەمشادلار. بۇ، مۇخبىر يېقىندا تىيانشان بوغدا كۆلىدە كۆرگەن گۈزەل مەنزىرە. بۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ لىكۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال قۇرغاق رايونىدىكى تىپىك ئېگىز تاغ تىپىدىكى تەبىئىي مەنزىرە، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى قۇرغاق رايون تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ ۋەكىلى، ئۇ، ئۆسۈملۈكلەر تىك ئۆسكەن مۇكەممەل مەنزىرە بەلبېغى ۋە قار- مۇزلۇق، ئېگىز تاغدىكى كۆلنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان، قەدىمىي گۈزەل كۆل توغرىسىدىكى غەربىي خان ئانا رىۋايىتى ھەم مىللىي جەزبدارلىقنى مەدەنىيەت مەزمۇنى قىلغان، ئۇنىڭ مەنزىرە بايلىقى دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش قىممىتىگە ئىگە.

  تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگەندىن بۇيان، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى «ئېكولوگىيەلىك بوغدا كۆلى، گۇمانىتار بوغدا كۆلى، سەمىمىي بوغدا كۆلى، رەقەملىك بوغدا كۆلى، قار- مۇزلۇق بوغدا كۆلى»نى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى، ساياھەت كىرىمى سىجىل ئاشتى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى 2003- يىلىدىكى %25 تىن ھازىرقى %45 كە ئۆرلىدى، ئورمان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2002- يىلىدىكى %25 تىن ھازىرقى %41.5 كە ئۆرلىدى.

  ليۇ لىكۈن مۇنداق دېدى: «مۇشۇ بىرقانچە يىل قوغداش ئارقىلىق تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى، تۈر توپى سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى».

  ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئەڭ دەسلەپكى ئۈچتىن كۆپىيىپ ھازىرقى 12 گە يەتتى، سانى غەربىي رايوندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنە 16 مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىشقا پائال ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر