باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك

2018.11.27 09:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش كاتىپلىرى، بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا) مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتكوم بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا) خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپى بويىچە، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى(ئىشخانا)نىڭ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم پارتىيە دەرسى كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)لىرى سىياسىي ئورگانلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى دەۋرگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ھالدا «ئۈلگىلىك ئورگان» ئۆلچىمى بويىچە ھەر دەرىجىلىك بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)لارنىڭ خىزمەت تەلىپى، ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، تىرىشىپ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، توغرا تونۇش ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش يادرولۇق مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى ۋە تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈم- مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك. تەشكىلگە بولغان سادىق قەلب، ئاممىغا بولغان ساپ قەلب، كەسىپنى ھۆرمەتلەش قەلبى بىلەن، قىزغىنلىق بىلەن ئىش قىلىپ، پۇختا ئىش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىش قىلىپ، پاك ئىش قىلىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاڭ بو، ليۇ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر