باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ساختا مال سېتىشتەك قىلمىشلارغا تۈزەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ

2017.03.15 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، ئۈندىداردا سودا قىلىدىغانلار ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تېز قەد كۆتۈرمەكتە. ئۇلار ساتىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى تولۇق. بولۇپمۇ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلاردىن نېمە دېسە شۇ تېپىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۈندىداردا سودا قىلىدىغانلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلاردىكى بىر قىسىم ساختا ماللار دوستلار چەمبىرىكىدە بارا-بارا پەيدا بولۇۋاتىدۇ، لېكىن، ئىستېمالچىلارنىڭ قولىدا تالون ۋە ئىسپات يوق بولغاچقا، ئىستېمالچىلار ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا ناھايىتى ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىستېمالچىلارنى دوستلار چەمبىرىكىدىكى ساختا ۋە ناچار تاۋارلاردىن يىراق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى رايونى ۋە شەھەرلىك ئىككى دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىللە ئەرز قىلىنىش قېتىم سانى كۆپ بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلدى.

  ھازىر، ئۈندىدار كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاۋار-مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، ئۈندىداردا سودا قىلىۋاتىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىدىن لى بو ئىلگىرى دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق باشقىلارغا ۋاكالىتەن بىر سومكا سېتىۋالغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇ ئىنتايىن ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان، ئۇ مۇنداق دېدى: «مىنىڭ ئۈندىدارىمدا ۋاكالىتەن مال ساتقۇچىدىن بەشەيلەن بار، مەن ئىككى مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر سومكا سېتىۋالغان ئىدىم، مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم، دۇكان خوجايىنىنى ئىزدەپ بۇ ئىشنى دېسەم، مېنى ئۈندىدارىدىن چىقىرىۋەتتى، مەندە مال سېتىۋېلىش تالونى بولمىغاچقا، ھوقۇق-مەنپەئەتىمنى قوغدىيالماي، ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا، دەپ ئولتۇردۇم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر