باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۇەن بىلەن چۇڭچىڭنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىش رەسمىي يولغا قويۇلدى

2016.12.16 14:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۇەن بىلەن چۇڭچىڭنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىش رەسمىي يولغا قويۇلدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن چۇڭچىڭدىكى سەككىز داۋالاش ئاپپاراتىدا تور ئارقىلىق ھېسابات قىلالايدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، « سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى سىياسەت، داۋالىنىش مۇندەرىجىسى، داۋالىنىشنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلكە پۇل تاپشۇرۇش سۇپىسىدا ھېسابات قىلىش» شەكلى بويىچە بىڭتۇن تىيەنجىن، شاڭخەي، خەينەن، جېجياڭ، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، شەنشى، نىڭشيا، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 10ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بىڭتۇەن بىلەن جېجياڭ، خەينەن، سىچۈەن، يۈننەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق 5 ئۆلكە بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە بىڭتۇەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ھېسابات قىلىش سۇپىسى بىلەن ھېسابات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە تېزدىن تېخى تورلاشتۇرۇلمىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالىدىكەن ھەمدە11 مىڭدىن ئارتۇق باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر