باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلىدەك بولۇش: 25 بالىنىڭ ياخشى «دادىسى»

2016.12.16 14:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-نويابىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا بالىلار تەنتەربىيە دەرسى ئاڭلاۋاتاتتى، ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىكى ئۇيغۇر شوپۇر ئەسقەر توختى مەيدانغا قاراپ، «قىزى» ليۇ باڭخۈينى ئىزدەيتتى.

  ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئەسقەر 16 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۇرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بەرگەن. بۈگۈن، ئۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنپ بالىلارنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدى. تەنتەربىيە دەرسى ئاڭلاۋاتقان ليۇ باڭخۈي ئەسقەرنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. «مەن ئەسقەر دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ. مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا دادامنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرىمەن، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىمەن» دېدى ليۇ باڭخۈي.

  ئەسقەر بۇ يىل 43 ياش. ئۇ 2012-يىلدىن باشلاپ قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەتتىن بولغان 25 ئوقۇغۇچىغا ئىزچىل ياردەم قولىنى سۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە گۇاڭشىلىق «قىزى» لى شۈنلىمۇ بار ئىدى.

  2014-يىلى 10-ئايدا، ئەسقەر بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدىن لى شۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ يىراققا سەپەر قىلىپ گۇاڭشى ئۆلكىسى گۇيلىن شەھىرى شىڭئەن ناھىيەسىدىكى لى شۈنلىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇندى. بۇ يىل 6-ئايدا، لى شۈنلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، ئەسقەر ئاتايىن گۇاڭشىغا بېرىپ، «قىزى»نىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇردى.

  بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەسقەر ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى، لېكىن ئۆزى بولسا بۇلاقتاغ رايونىدىكى 30 كۇۋادىرات مىتىرلىق كىچىك بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ كىيۋالغان چاپىنىغا تۆت يىل بولدى، ئىشلىتىۋاتقان تېلېفونىغىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ھەر ئايدا ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ تاپقان پۇلنى بالىلارغا ئىشلىتىدۇ.

  لى شۈنلى بۇ يىل 9-ئايدا گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە: ئىككى يىل ئىلگىرىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئىئانە پۇل تاپشۇرۇۋالغان، لېكىن كۆرگىلى كەلگەنلەردىن پەقەت بىر ئەسقەرلا بار بولۇپ ئۇ تولىمۇ تەسىرلەنگەن. ئۇ يەنە «ئەسقەر دادام 1000يۇەن پۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ يېيىشلىك قۇرۇق مېۋىلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ، كېيىن بولسا مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇم ۋە تۇرمۇش پۇلۇمنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. كېيىن پۇرسەت بولسا مەن چوقۇم جەمئىيەتكە، ئەسقەر دادامغا مىننەتدارلىقىمنى، ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزىمەن» دېدى.

  ئۆزى ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن ساغلام، خوشال-خۇرام چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەسقەر كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئىنتايىن رازى بولدى. ئۇ يەنە «بۇ بىر مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش جەريانى، مەن بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن، قىيىنچىلىقتا قېلىۋاتقان بالىلارغا مۇھەببەتنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ھەسسەمنى قوشىمەن» دېدى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر