باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ كۆلەمدىكى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈش چەكلىنىپ، ئىسراپچىلىق، بۇزۇپ-چېچىش ئازايدى

كارخانىلارغا سېلىق سالىدىغان ئىشلار ئازايدى

2016.12.16 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەشۇ يىللاردا، تۈرلۈك زىياپەتلەر، مۇنبەرلەر، شادلىق بايرىمى قاتارلىق «چوڭ داستىخان راسلاپ مېھمان چاقىرىش»، تۈرلۈك كاتتا زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئەلۋەتتە كۆپ پۇل كېتىدۇ، بىراق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىراجىتى چەكلىك بولغاچقا، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كارخانىلارغا سېلىق سالىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ كۆلەمدىكى كاتتا زىياپەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك چەكلىنىشىگە ئەگىشىپ، «كارخانىلارغا سېلىق سالىدىغان ئىشلار ئازايدى».

  ئىلگىرى: ئىسراپچىلىق، بۇزۇپ-چېچىش ئەھۋاللىرى ۋە سېلىقلار كۆپەيگەن

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم ناھىيە، شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئايرىم ناھىيە، شەھەرلەر خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۈچۈن چولپانلار، داڭلىق رىياسەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن زىياپىتى ۋە باشقا تۈرلۈك خىراجەتلەر بولۇپ، بىر قېتىملىق نەچچە سائەتلىك زىياپەتكە نەچچە مىليون يۈەن خەجلەيدۇ، بۇ چىقىم سېلىقى كۆپرەك شۇ جايدىكى كارخانىلارغا سېلىنىدۇ.

  بۇ خىلدىكى نوقۇل كاتتا زىياپەت بېرىشكىلا تايىنىپ داڭقىنى چىقىرىش ۋە خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قالاقلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ماھىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى شۇ جايدا مۇجەسسەملەشكە جەلب قىلىش بولۇپ، ئادەم كۈچى، كاپىتال، تېخنىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئاساسىي مەنتىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى»، «كۆرۈشۈش يىغىنى» شەكلىدىكى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشلارغا نەزەر سالساق، ئەمەلىيەتتە ھەممىسىدە قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بىرىكمىسىنى جەلب قىلالمايدۇ، «تۈگىمەس ئىسراپچىلىق، بۇزۇپ-چېچىش، ئايىغى ئۈزۈلمەس سېلىقلار» ئارقىلىقمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

  شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىدىكى خۇاڭ يۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايوننىڭ نامىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى بەك ئەيىبلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق مەجبۇر سېلىق سالىدىغان قىلمىشلار مۇۋاپىق بولمايلا قالماي، يەنە «ئىناق»، «پاك» ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر