باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش يولغا قويۇلدى

2016.12.16 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىنىڭ باشقا جايدا داۋالانسا «راسچوت قىلىشقا چېپىش»ىغا خاتىمە بېرىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ مۇنۇلارنى بېكىتتى: بۇ يىل ئاخىرغىچە مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېرلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش؛ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېرلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشىنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، يىل ئاخىرىغىچە يۆتكەپ داۋالىنىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كىشىلەرنىڭ باشقا جايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەرلىكنىڭ نوپۇس ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ۋە دائىم باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى، باشقا جايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: قېلىپلاشقان، قولايلىق، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرى سۈرۈش، تەرتىپلىك داۋالىنىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن كېيىن سۇغۇرتىلانغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىسىلا بولىدۇ، قالغان خىراجەتنى داۋالانغان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى كېلىشىمدە پۈتۈشكەن بويىچە تەكشۈرۈپ تەسىتىقلىغاندىن كېيىن تۆلەپ بېرىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆلكە ئىچىدە ئاندىن ئۆلكە ھالقىغان، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىش ئاندىن كېسەل كۆرسىتىش، ئالدى بىلەن باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىپ ئاندىن يۆتكەپ داۋالىنىش، ئالدى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» ئاندىن قوشۇمچە سۇغۇرتا بىلەن سۇغۇرتىلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جايلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش مەركەزلىك جايلار بىلەن ئالدىن بىرلىشىپ، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇۋاپىق يۆتكەپ داۋالاش-داۋالىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنى تەرتىپلىك كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكلەش؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش سىياسىتى، تەرتىپى، راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى داۋالانغان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتنىڭ سۆھبەت ۋە كېڭىشىش، ئومۇمىي سوممىنى تىزگىنلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى دوختۇر باشقۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش مۇلازىمەت دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر