باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2016.12.16 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى 14-دېكابىر بىرلىشىپ 2016-يىلىدىن 2017-يىلغىچە بولغان يىللىق مەملىكەتلىك قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋىدېئو يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۇ چاۋشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازدا مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر. بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازدا، ئېلىمىزدا ئاشلىق جەھەتتىن قۇتقۇزۇشقا موھتاج ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 51 مىليون 970 مىڭ ، كىيىم كېچەك يوتقان كۆرپىگە ئېھتىياجلىق كىشى 17 مىليون 110 مىڭ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈشى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى شۇ جاينىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇش ئۆلچىمى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. گۇ چاۋشى مۇنداق دېدى: قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىم قىلغاندا، ئۆلكە شەھەر دەرىجىلىكلەر ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن رايون، كونا ئىنقىلابى رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون ۋە نامرات رايونلارنى مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ قىش ۋە ئەتىيازدىكى يېڭى ئاپەتتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ئەھۋالىغا بىر تۇتاش تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركەزنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 705 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جايلاردىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاشلىق، كىيىم-كېچەك يوتقان كۆرپە قاتارلىق قىيىنچىلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاساسىي تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. گۇ چاۋشى مۇنداق دېدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋاقتىدا ھەم يېتەرلىك بولۇشى، قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، ھەرگىز قانات ئاستىغا ئېلىپ يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلار قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، مەبلەغنى ئاجرىتىش رەسمىيەتلىرى ۋە بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ، مەبلەغ ئاجرىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشى. مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى بىر ئاي ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىككە چۈشۈرۈپ بېرىشى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يۇقىرىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە مەبلەغنى قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، بولۇپمۇ چەت ياقا تاغلىق رايون ۋە قاتناش قولايسىز بولغان رايونلارغا قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تارقىتىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر