- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %7.5 كېمەيتىلىدۇ
2016.12.16 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2017-يىللىق گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئېلان قىلىنغان. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %7.5 كېمەيتىپ ئېلىنىدىكەن. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن %10 بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئالىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى مالىيە مىنىستىرلىقى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى %5 كېمەيتىپ ئېلىشنى بەلگىلىگەنىدى. 2016-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلى گاز چىقىرىش مىقدارى تۆۋەن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %2.5 ئۆسكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر