باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىغا نەزەر

2016.12.16 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىق ئىچىدە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، 13-بەش يىللىق پىلان ياخشى يولغا قويۇلدى دەپ كۆرسىتىلدى.

  ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 11-ئايدىكى ماكرو سانلىق مەلۇماتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەبلەغ سېلىش ئەسلىگە كېلىش داۋامىدا مۇقىملاشتى، ئىستېمال مۇقىملىق ئىچىدە ئۆستى، ئېكسپورت تۆۋەنلەشتىن يۇقىرىلاشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى، سانائەت ئۈنۈمى ياخشىلاندى، بۇ خىل ئەھۋال بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىدىكى مۇقىملىق، ئىلگىرىلەش، ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2016-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرىتى مۇقىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم، مال باھاسى مۇقىم بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى؛ مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كۆپ خىل خىرىس ئالدىدا جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇدا ئۈچ پەسىل %6.7 ئېشىش سۈرىتىنى ساقلاپ، يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %2 لىك نىسبەتنى ساقلاپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆزلەنگەن نىشاندىن ياخشى بولدى، ئالدىنقى ئۈچ ئايدا پۈتۈن يىلدا 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشتى.

  2016-يىلى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ياخشى بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سەرخىللاشتى، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئاشتى، بازارنىڭ كۆزلەنمە نىشانى ياخشى بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى 54 ئايدا داۋاملىق مەنفى بولۇش ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلاندى ھەمدە ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە پۇل قىس بولۇش كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرىلاپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئېشىش سۈرىتى سانائەتنىڭ بىر پۈتۈن ئېشىش سۈرىتىدىن يۇقىرى بولدى؛ يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەت، يېڭى قېلىپ تىز سۈرەتتە يېتىلدى. ئەنئەنىۋى كەسىپ تەڭشىلىش ئارقىلىق تىپى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاياتى كۈچى ئۇرغۇدى. ياسىمىچىلىق ئۇدا تۆت ئاي تىركىشىش سىزىقىدا تۇردى ھەمدە ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا قاراپ ئۆستى، بازار كۆزلەنمىسى ياخشىلىنىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى. ئاكتىپ ئۆزگىرىش جۇغلانمىسى كۆپەيدى، كۆپ سانلىق كۆرسەتكۈچلەر بىر ئاز ياخشىلىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. يېقىنقى مەزگىلدە مورگان ئىستانلېي، ئىستاندارد چارتېرېد بانكىسى، خۈيفېڭ بانكىسى،ئاۋسترالىيە خەلق بانكىسى، مۇدى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاپپاراتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىش ئىستىقبالىغا ياخشى قارايدىغانلىقىنى ئارقا ئارقىدىن بىلدۈردى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى13- بەش يىللىق پىلانغا پۇختا ئاساس سېلىپلا قالماستىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ ، دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى. بىراق كەلگۈسىدىكى پولات تۆمۈر، كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، باھانىڭ ئۆسۈشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. باشقا ئوشۇقچە ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر زور . جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسى تەقسىماتىغا كاشىلا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېشىش سۈرىتى ئاستا بولۇشىغا ئەگىشىپ، تىز سۈرەتتە يۈكسىلىش مەزگىلىدىكى جۇغلانما خېيىم خەتەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۆي مۈلۈك ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خېيىم خەتەر خەۋپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىخوڭ مۇنداق دېدى: بىز خېيىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشتە سىستېمىلىق خېيىم خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىشىمىز ھەم پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، خېيىم خەتەرنىڭ داۋاملىق يىغىلىپ قىلىشى ۋە كېڭىيىشىدىن ساقلىنىشىمىز ھەم قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خېيىم خەتەرنى تەدرىجىي تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر