باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ نەنخەي ئارىلىغا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى تامامەن نورمال

2016.12.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىىى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-دېكابىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ نەنخەي ئارىلىدا قورال سىستېمىسى ئورنىتىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، گېڭ شۇاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنىدا ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتىپ قۇرىشى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى تامامەن نورمال، دېدى.

  سوئال: ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو نەنخەيدىكى يەتتە خادا تاشنىڭ ئۈستىگە قورال سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنى ئىسپاتلىيالامسىز؟ قورال ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟

  جاۋاب: مەن ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولساممۇ، بىراق ئاقىللار ئامبىرىغا ئالاقىدار كونكىرىت ئەھۋاللارنى چۈشەنمىدىم.

  بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىم، نەنخەي ئارىلى قەدىمدىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ زېمىنى. جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى زۆرۈر ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇشى تامامەن نورمال، بۇ، مۇستەقىل دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا بېكىتىلگەن نورمال ھوقۇقى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر