باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پاكىز تور 2016» ھەرىكىتى بويىچە قائىدىگە خىلاپ 2500 دىن ئارتۇق تور بېكەتنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2016.12.16 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىق، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى پۈتۈ مەملىكەت مىقياسىدا «پاكىز تور 2016 » مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلار، تارماقلار مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۇلۇت سۇپىسى، توردا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش سۇپىسى، مىكرو ساھە، تېتىقسىز سىن ۋەقەلىرى، ئاخبارات ئابۇنىتلىرى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلارغا قاتتىق زەربە بەردى. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جايلار توردىكى 3 مىليون 270 مىڭدىن ئارتۇق زىيانلىق شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلدى، قانۇن-قائىدىگە خىلاپ 2500 دىن ئارتۇق تور بېكەتنى تاقىدى؛ توردىكى «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» دېلوسىدىن 862 نى ، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ نۇقتىلىق 66 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تور مەدەنىيەت مۇھىتىنى تازىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر